ئىسلامدا جىھاد

جىھاد، پەقەتلا دۈشمەن بىلەن قۇراللىق ئېلىشىش دېگەنلىك ئەمەس؛ جىھادنى مۇنداق تار مەنىدە چۈشۈنىۋېلىش، ئۇنىڭ دائىرسىنى تارايتىۋەتكەنلىك بولىدۇ. ھالبۇكى جىھاد ساھەسى ئىنتايىن كەڭرى ساھە، چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن سۈيۈنۈش، ئاللاھ ئۈچۈن غەزەپلىنىشتەك ئاللاھنىڭ رازىلىقى چىقىش قىلىنغان پۈتۈن ئىشلار جىھاد ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، هاياتنىڭ هەر قىسمىدا، جەمئىيەتنىڭ هەر ساهەسىدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىش ۋە ھەرىكەت جىھاد دائىرىسىگە كىرىدۇ، دېمەك، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئائىلە، ئۇرۇق ـ تۇغقان، يېقىن ـ يورۇق، قولۇم ـ قوشنا، شەهەر ۋە يېزا قىشلاقنى چۆرىدىگەن ئاساستا بىر پۈتۈن مىللەت ۋە ۋەتەننى قوغداش ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بارلىق كۈرەش ۋە مۇجادىلە جىھاد كاتىگورىسىگە كىرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز